باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بارلىق كادىرلار ۋە ئامما جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىشنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.06.15 09:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئىيۇن تيەنجىن شەھەرلىك بىرىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جۇ يۇڭكاڭنىڭ پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاش دېلوسى ئۈستىدىن بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقىرىپ، جۇ يۇڭكاڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى شۇنداقلا شەخسى مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى. ھۆكۈم نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى، جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىكنى قانۇن بويىچە جازالاشتىكى روشەن پوزىتسىيەسىنى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى، جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقانداق پارتىيە ، تەشكىلات ۋە شەخس ئاساسى قانۇن، قانۇن ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاساسى قانۇن ۋە پارتىيە ئىنتىزامى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشى، ئاساسى قانۇن ۋە پارتىيە ئىنتىزامىدا بېرىلگەن ھوقۇقىنى، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، ھېچكىمنىڭ ئاساسى قانۇن، قانۇن ۋە پارتىيە ئىنتىزامىدىن ھالقىغان ئىمتىيازى يوق ، غەربىي جەنۇب سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋېن يۈەنجې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇ يۇڭكاڭ دېلوسىنىڭ قانۇن بويىچە سوتلىنىشى ھەققانىيەت، ئادىللىق ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش روھىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ جۇڭگونى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا تۈزۈمدىن سىرت ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە يول قويۇلمايدىغانلىقى، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىدىن ھالقىغان شەخسنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ كادىرى ياڭ تيەنزۇڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بىر رەھبىرى كادىرنىڭ ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى بىزگە پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ئالدىدا ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالاھىدە بولۇۋالسا بولمايدىغانلىقى، مەيلى كىم بولۇشىدىن ، ھوقۇقىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن ، ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچكىمنىڭ ئىمتىيازى بولمايدىغانلىقى، قانۇن ئىنتىزامنى بۇزسا، دەپسەندە قىلسا چوقۇم پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قانۇنى تەرىپىدىن قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇتتى.

  شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ يانەن مۇنداق دېدى: جۇ يۇڭكاڭغا ئوخشاش مۇشۇنداق چوڭ يولۋاس قانۇن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى، مەركەزنىڭ قانۇن ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشى خەلق ئاممىسىنىڭ چىرىكلىكنى جازالاش ئارزۇسىغا ماس كەلدى، بىز بۇ كۈرەشنىڭ توختاپ قالماسلىقى، يەنە بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش خام خىيالىدىن ۋاز كېچىپ، دۆلەت بەرگەن ھوقۇقنى بارغانسېرى ئادىل، ئاشكارا ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى جەن شۈيچىڭ مۇنداق دېدى: قانۇننى باشتىن ئاخىر ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاساسى قانۇن ۋە قانۇندىن ھالقىپ ئۆتمەسلىك، ئاساسى قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق، قانۇن ئارقىلىق دېلو بېجىرىشكە ئارىلاشماسلىق، قولدىكى ھوقۇققا توغرا قاراپ، قانۇندىكى ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپى بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى، ئەدلىيەنى ئادىل يۈرگۈزۈش ئىدارىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر