باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى

2015.06.09 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن باشلاپ، مەملىكىتىمىز مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق بولغان قولايلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. 7-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچى ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشتەك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە ئېرىشكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇنجى قېتىم پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 23 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا چوڭ خەتلىك ئىمتىھان سۇئالى، ھازىرقى ئەمالار يېزىقى ئىمتىھان سۇئالى، ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىش، چەتئەل ( خەنزۇ ) تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىنى ئېلىپ تاشلاش، ئەڭ ئاۋۋال ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىش، تىڭشىغۇچ تاقاشقا يول قويۇش قاتارلىق قولايلىقلار بىلەن تەمىنلىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر