باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى (2015-يىلدىن 2020-يىلغىچە)» نى تارقاتتى

2015.06.09 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۇقىرى ساپالىق يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەكخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاش پىلانى (2015-يىلدىن 2020-يىلغىچە)» نى تارقىتىپ، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى كونا بازىلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، ئاراللار قاتارلىق چەت، يىرا نامرات رايونلاردىكى يېزا-كەنتلەردە 2020-يىلغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش كېرەك. يېزا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا بالىلىرىنىڭ ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىش، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش − ھازىر ئىشلەپ كەلگۈسىدە پايدىسىنى كۆرىدىغان مۇھىم ئىش. يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چوقۇم ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. نۇقتىنى يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ساھەسى، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە ھەرىكەت قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، سىياسەتنى يۆنىلىشلىك يولغا قويۇپ، توغرا كۈچ چىقىرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ 2020-يىلغىچە تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق، تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر