باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىنىڭ «6-بەش يىللىق» قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى ۋىلايەتنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى

2015.06.10 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنى 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: 8-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومتىتىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى، ۋىلايەتلىك قانۇن ئارقىلىق ئاقسۇنى ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مائاۋېن گۇرۇپپا باشلىقى خەن شۇسىن، ۋىلايەتلىك سىياسىي قانۇن كومتىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، ۋىلايەتلىك قانۇن ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋېن جەمىيەت باشلىقى لىيۇ جۇڭچى باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى باي ناھىيەسىگە كېلىپ، بۇ ناھىيەنىڭ «6-بەش يىللىق» قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتە بولدى.

  باي ناھىيەسى 2011-يىلى «6-بەش يىللىق» قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان بولۇپ، ناھىيەلىك پارتىكۇم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىدىيەنى ئازات قىلىش، ناھىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «قانۇنچىلىقنى تۇتۇش ئاساسىي قاتلامنى تۇتقانلىق، قانۇنچىلىقنى تۇتۇش مۇھىتنى تۇتقانلىق، قانۇنچىلىقنى تۇتۇش تەرەققىياتنى تۇتقانلىق» دىگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان باي، تىنچ باي، خاتېرجەم باي قۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ناھىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ناھىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئوتتۇرغا قويدى.

  «6-بەش يىللىق» قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ناھىيە مالىيەسى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىدىن 900 مىڭ يۈەن، سىياسەت قانۇن-نىزاملاردىن چوڭ مۇكاپاتلىق مۇسابىقە پائالىيىتى، سىياسەت قانۇن-نىزاملار يانچۇق كىتابىنى بېسىپ تارقىتىش قاتارلىق قانۇنچىلىق تەشۋىقات مەخسۇس مەبلىغىدىن 4 مىليۇن 320 مىڭ يۈەن ئاجىرىتىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇستەھكەم ئاساس بىلەن تەمىن ئەتتى. نۆۋەتتىكى بۆلگۈنچىلىككە، تررورلۇققا قارشى كۈرىشى كەسكىن ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس قانۇچىلىق تەشۋىقات-تەربىيەسىنى تۇتۇش ئارقىلىق، قاتتىق زەربە بىرىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە ياردەم بەردى. ھەممە كىشى ئەيىپلەش، پاش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، غازات، ئېتىقات يولىدا قۇربان بولۇش، جەننەتكە كىرىش قاتارلىق سەپسەتىلەرنى ئېچىپ تاشلىدى. ناھىيەدىكى ئورگان، يېزا-بازار،كەنت كومتىتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىش ۋە ئەيىپلەش ئېلىپ بېرىپ، قانۇسىز دىنىي پائالىيەت، زوراۋانلىق، تررولۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەسى ۋە مەيدانىنى بەس-بەستە ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايۇندىن قانۇنشۇناسلىق مۇتىخەسسىسى، ۋىلايەتنىڭ لىكسىيە ئۆمىكى ھەمدە ناھىيەدىكى ئادۋۇكاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھەر قايسى يېزا-بازار، مەيدان، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، ئورگانلارغا چوڭقۇر چۈكۈپ، زوراۋان، ترورلۇققا قاتتىق زەربە بىرىش مەخسۇس ھەركىتىنى قانات يايدۇردى. 58 مەيدان قېتىم مەخسۇس تېمىدىكى لىكسىيە ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىدىن بولۇپ 14 مىڭ كىشى تەربىيەگە ئىگە قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ئاممىنى زىيارەت قىلىش، ئورگان، تارماقلارغا كىرىپ ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ماتېرياللارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نۇقتا ئېلىپ تەكشۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايتلىك پارتىكوم، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ «ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قانۇنچىلىق تەشۋىقات-تەربىيەسى خىزمىتىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قاتتىق زەربە بىرىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قانۇنچىلىق تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى، ئاپتونۇم رايۇننىڭ «6-بەش يىللىق» قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر