جېجياڭلىق دېھقان رەسساملارنىڭ كۇچاغا كېلىپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى باش بولۇپ تەشكىللىگەن جېجياڭ–كۇچا دېھقان رەسساملارنىڭ بىرلەشمە رەسىم كۆرگەزمىسى 6-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى ئۆگەن كەنت مەدەنىيەت–تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە، جېجياڭلىق دېھقان رەسساملارنىڭ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، گۈزەل تاغ-دەريالار نامايەن قىلىنغان 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىجادىيەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. پائالىيەتتە كۇچا ناھىيەسىدىكى 40 گە يېقىن دېھقان رەسسام نەق مەيداندا قەدىمىي كۈسەن خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى بولۇپمۇ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيانقى كۇچانىڭ تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى سىزىپ كۆرگەزمە قىلدى ھەمدە جېجياڭلىق دېھقان رەسساملار بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا، جېجياڭلىق دېھقان رەسسام ئۇستىلىرى كۇچا ناھىيەسىدىكى دېھقان رەسساملار ۋە رەسسام ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشىگە بىر سائەتلىك دەرس ئۆتۈپ، دېھقان رەسساملار ئەقلىي كۈچ بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئىككى رايوننىڭ ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.
كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھەممەت جۈمە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيەسى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ھەر يىلى ناھىيە تەۋەسىدىكى دېھقان رەسساملارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق دېھقان رەسسامنى تەربىيەلىدى، بۇ رەسساملارنىڭ ئىجادىيەت ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، يۇقىرى باھالارغا ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمىقى كۆرگەزمە پەقەت بىر قېتىملىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق سەھنىسىنى ئېچىپ، ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.