- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«شەرق يۇلتۇزى» ناملىق ساياھەت پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەن جاينى ئالا قويماي ئىزدەش ئاخىرلاشتى
2015.06.10 15:59 مەنبە: خەلق تورى
232 كىشىنىڭ DNA سىنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسى تاپشۇرۇلدىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن جيەنلىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. نەق مەيداندىكى قۇتقۇزغۇچىلار 9- ئىيۇن «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق ساياھەت پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەن 150 مېتىر ×150 مېتىر دائىرىدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىدىنى ئالا قويماي ئىزدىدى. «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق ساياھەت پاراخوتى چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قۇماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىنىشىچە، 9- ئىيۇن سائەت 8 گىچە 415 كىشىنىڭ جەسىدى، دەريا بويلاپ ئىزدەش جەريانىدا 22 جەسەد تېپىلغان، DNA سىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن سالاھىيىتى ئېنىقلانغان. 9- ئىيۇن سائەت 17 گىچە ج خ تارماقلىرى 232 كىشىنىڭ DNA سىنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىنى تاپشۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 50 كىشىنىڭ جەسىدى جىاڭلىڭدا، 68 كىشىنىڭ جەسىدى خۇڭخۇدا، 103 كىشىنىڭ جەسىدى جيەنلىدا، 11 كىشىنىڭ جەسىدى يۆياڭدا ساقلىنىۋېتىپتۇ. 9- ئىيۇن سائەت 16 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 180 كىشىنىڭ جەسەدنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلىنىپ تىزىمغا ئېلىنغان، 94 كىشىنىڭ جەسىدى كۆيدۈرۈلمەكچى بولغان، ئەمەلىيەتتە 69 كىشىنىڭ جەسىدى كۆيدۈرۈلگەن.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر