باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ، بىر يول تاشقى سودىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى

2015.06.11 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالدى، ئېلىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە قاتارلىق جايلارغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا مەنپىي بولماقتا. ئەمما بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرگە قىلغان ئېكسپورتى ئېشىشقا باشلىدى. كەسپىي ئەربابلار مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ، بىر يول-ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى، يەر شارى بايلىقى، ئاسىيا ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو يىغىندىسى، يەر شارىدا سېتىش ئەندىزىسى زور ئىستىقبالغا ئىگە بولدى.

  يېڭى ساھەلەرگە تايىنىپ، يېڭى بازار ئېچىش ئارقىلىق، بىر بەلباغ، بىر يول ھازىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك يەر شارى بايلىقىنى قايتىدىن سەرخىل تەقسىملەشكە يېتەكلىمەكتە، كارخانىلار بۇنىڭدىن زور ئىلھامغا ئېرىشتى. شاڭخەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھىنىڭ لىدىرى جۇ يوڭ مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ، بىر يول قاپلىغان نوپۇس تۆت مىليارد 400 مىليونغا، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 21 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، يەر شارىنىڭ ئايرىم-ئايرىم %63 ى ۋە %29 نى ئىگىلەيدۇ، كارخانىلار سىرتقا چىقىپ، يەر شارى بايلىقىنى سەرخىل تەقسىملىگەندىلا، ئاندىن كەسىپنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. شاڭخەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەننەرخ ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بىرما، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىپ، كىيىم-كېچەك كارخانىسى قۇرۇپ، گۇرۇھنىڭ خەلقئارا سودا كەسپىگە كۈچلۈك تىرەك ھازىرلىدى.

  جۇڭگو بانكىسى شاڭخەي شەھەرلىك شۆبىسىنىڭ باشلىقى پەن يۆخەن مۇنداق دەپ قارىدى: كارخانىلار سىرتقا چىقىشتا، سودا بانكىسىنىڭ دۆلەت ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇل پېرېۋوت خەتىرى بىر قەدەر چوڭ، شۇڭا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشقا تايىنىشى ناھايىتى مۇھىم. پەن يۆخەن جۇڭگو بانكىسىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنى قاپلاشتىن ئۈمىد بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  خۇيفېڭ بانكىسى جۇڭگو چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ مىنجوڭنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا، ئېلىمىزنىڭ پولات-تۆمۈر ۋە تىرانسپورت ئۈسكۈنىلىرى ئېكسپورتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. نۇرغۇن ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇل ئەسلىھەلىرى نىسبەتەن كەينىدە قالغان، جۇڭگو ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە يېتەرلىك تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغكە ئىگە، نۇرغۇن ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ پەرقلەرنى تولۇقلىشىغا ياردەم بەرسە شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر