خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) مەرىيەم تۇردىيىۋانىڭ 6پەرزەنتى بار، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، قانچە پەرزەنتى بارلىقىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ. ئۇ نەچچە ئون يىل ئوقۇتقۇچى بولدى، 13يىل «مېھىربان ئانا» بولدى، بۇ جەرياندا ئۇ قانچە كىشىگە ياردەم بەردى؟ قانچە كىشى ئۇنى ئانا دەپ چاقىرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
نەچچە ئون يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا مەرىيەمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىغا تارقالدى، ئۇنىڭ مېھرىمۇ تۈركۈملىگەن بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 6پەرزەنتىنى قاتارغا قوشۇپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ئۆز ساھەسىدە ياراملىق ئىختىساس ئىگىسى قىلغاندىن باشقا يەنە 4يىتىم بالىنى بېقىۋېلىپ قاتارغا قوشتى، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 30مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى