- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
‹‹شى جىنپىڭنىڭ <تۆتكە ئىگە> يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر›› تارقىتىلدى
2015.06.12 21:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋىجدانلىق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە توغرا ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، باش سىياسىي بۇ تۈزگەن ‹‹رەئىس شى جىنپىڭنىڭ <تۆتكە ئىگە> يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹ئۈزۈندىلەر›› دېيىلدى) يېقىندا ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ئارمىيەدىكى ليەندىن يۇقىرى ئورۇنلارغا تارقىتىلدى.
‹‹ئۈزۈندىلەر››گە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2012 – يىلى 11 – ئايدىن 2015 – يىلى 2 – ئايغىچە ئېلان قىلىنغان سۆزلىرى ۋە يوليورۇقلىرى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ‹‹تۆتكە ئىگە›› يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈشتىكى چوڭ – چوڭ تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى مەركەزلىك بايان قىلىنىپ، ‹‹تۆتكە ئىگە›› يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپى ئومۇميۈزلۈك ۋە توغرا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق ھەربىي يېتىشتۈرۈش، يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى قانداق يېتىشتۈرۈش دېگەن مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق جاۋاب بېرىلگەن. ‹‹ئۈزۈندىلەر›› كۈچلۈك قوشۇن بەرپا قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىنقىلابىي ھەربىيلەر ئۈچۈن مۇھىم قوللانما ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر