باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ نېگىزى

2015.06.12 21:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا (7)

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى دۈەن لياڭ

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى چوڭقۇر ھەم ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى. شۇجى جاڭ چۈنشيەن يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش – ئىشلىيەلمەسلىكتە پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش – بولماسلىقىنىڭ نېگىز ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزىنىڭ روھىنى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىن ئىگىلەش كېرەك.

  بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچ ھەم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنىڭ يادرولۇق كۈچى. مىللەتلەر خىزمىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتكەندىلا ئاندىن مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتىپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئىتى، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ نىشانى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورنى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئاساسىدا تىكلەنگەن ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاپ، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە مۇستەھكەملەنگەن بولۇپ، بۇ تارىخنىڭ، خەلقنىڭ تاللىشى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاندىلا ھەر مىللەت خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولالايدۇ، ئورتاق ئىجاد قىلالايدۇ ۋە بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇ ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  مەيلى ئۆتمۈش، ھازىر ياكى كەلگۈسى بولسۇن، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكى سىياسىي جەھەتتىن تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

  ئىككىنچى، شىنجاڭچە خاسلىقنى تولۇق نامايان قىلىدىغان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك

  پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىدا قوشۇن ئاچقۇچ، قوشۇندا كادىرلار ئاچقۇچ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاۋۋال قانداق كادىرلارغا مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ياخشى كادىرلارغا ‹‹چوڭ ھەق، چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشتە ئالاھىدە سەگەك بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي بولۇش، ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈشتە ئالاھىدە سەمىمىي بولۇش››تەك ئالاھىدە ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇجى جاڭ چۈنشيەن بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدىمۇ ‹‹سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارلىق، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ئۆتكۈر›› بولۇش ئالاھىدە تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭلىق كادىرلارنى تەربىيەلەشتىكى تەلەپلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون شىنجاڭدىكى كادىرلاردىن سىياسىيدا قەتئىي بولۇش، پارتىيەگە سادىق بولۇش، مىللەتلەر سىياسىتىنى بىلىش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شىنجاڭلىق كادىرلار ئۆزلىرىنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرۇشى، مۇشۇ ئالاھىدە تەلەپ بويىچە ھەر ۋاقىت كاللىسىنى سەگەك تۇتۇشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئومۇمىي مەيدانىدا باشتىن – ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى ئىدىيەۋى – سىياسىي كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكى، جاپالىقلىقىنى تولۇق تونۇپ، كونكرېت خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ مىللىي ئاپتونومىيەلىك رايون، يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئامما ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى، مىللەتلەر خىزمىتىدىكى تايانچلىق، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ‹‹ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى نېگىزلىك باشقۇرۇش ۋە يىراقنى كۆزلەشتىكى مۇھىم ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتۇش كېرەك›› دېگەن سۆزى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەيىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. سىياسىيدا قەتئىي، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، بوران – چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش، دادىل ئۆستۈرۈش ۋە ئۇلارغا تولۇق ئىشىنىش شىنجاڭدا مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ.

  ھەر مىللەت كادىرلار زىچ ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. شىنجاڭدا شارائىت جاپالىق، ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ۋەزىپە ئېغىر، خىزمەت تەلىپى يۇقىرى، شىنجاڭ ھازىر ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە تارىخىي پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ھەر مىللەت كادىرلار ئۈچۈن ھەم چېنىقىش ھەم سىناق. مەيلى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ياكى خەنزۇ كادىرلار بولسۇن، ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كادىرى، ھەممىسى سىياسىيغا، پارتىيەۋىلىككە، ئومۇمىيەتكە، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى ھەر ۋاقىت مۇھىم دەپ بىلىشى، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشنى نىشان قىلىشى، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئىلگىرىلىشى، ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەمكۈتىسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا باشلامچى بولۇشى ۋە ئۈلگە بولۇشى، ئاممىنىڭ تايانچلىق رولى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى ئىستىھكاملىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك

  ئاساس مۇقىم بولمىسا، تاغمۇ غولاپ چۈشىدۇ. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››، ھەم ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپ. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش – قىلدۇرماسلىق پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

  شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختىلاش شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتىكى يىراق كەلگۈسى پىلان ھەم ئاساسنى مۇستەھكەملەش تەدبىرىدۇر. ‹‹سۇ كەتسە تاش قالىدۇ››، دېگەن گەپ بار. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى، ئاساسىي قاتلامدىكى تەشكىلاتلار دەل مۇشۇ ‹‹تاش››نىڭ ئۆزىدۇر. ھازىر ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدا دەل يېزا – بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك بەنزىسىنى ياخشى تاللاش ۋە سەپلەش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچىنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. ‹‹ياخشى ئادەم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بولسۇن، ياخشى ئىشنى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قىلسۇن›› دېگەن ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇپ، بايلىقنى تەقسىملەشتە ئاساسىي قاتلام ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە مايىللىشىشقا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان شارائىت ۋە ئىقتىدار ھازىرلىشىغا كۈچلۈك تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى كۈچلۈك بولسا، پارتىيەمىزنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، چاقىرىق كۈچى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ؛ ئەكسىچە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ئاجىز بولسا، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، ئىناقلىق، ئىلگىرىلەشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ؛ ئاجىز، تارقاق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۈزۈل – كېسىل تەرتىپكە سېلىش شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى جىددىي ۋەزىپىسى. ئاساسىي قاتلامنىڭ ‹‹ئاجىز تەرەپلىرى››نى كۈچەيتكەندىلا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىدىكى كۆۋرۈككە ۋە تۈگۈنگە ئايلاندۇرغىلى، ئەل رايى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، تەرەققىياتنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىنى مۇستەھكەملىگىلى ۋە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  تۆتىنچى، كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئىككى جەھەتتىن كۈچەش كېرەك

  شىنجاڭدا كادىرلارنىڭ ئىستىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تېخىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭدا ئەھۋال قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە جاپالىق بولغانسېرى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى شۇنچە ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى شۇنچە قويۇقلاشتۇرۇش زۆرۈر. شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچەش كېرەك.

  ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز بەلگىلىمە››سى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئون بەلگىلىمە››سىنى داۋاملىق ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ‹‹تۆت خاھىش››قا داۋاملىق بوشاشماي قارشى تۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، يېڭى ئىستىل تىكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە سىياسىي ئېڭى، قائىدە ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىگە زىت كېلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قەتئىي قىلماسلىق ۋە تارقاتماسلىق كېرەك. ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››پائالىيىتىنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆزىنى تۈزەش، ھۆكۈمەت ئىشىغا قاتنىشىش يولى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى، ئادەم بولۇش ئاساسى قىلىپ، ياخشى روھىي ھالەت ۋە ئىستىل ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇجى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدا مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاممىۋى خىزمەت ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سىردىشىشقا، ئىش – ھەرىكەتكە، ئاساسىي قاتلامغا قارىتىش، ‹‹چىن ھىسسىيات+ياخشى ئىستىل+ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى›› ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە شەكلىگە دىققەت قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا سەمىمىي بولۇش كېرەك، بۇ پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ روشەن مەيدانى ھەم ئەڭ تۈپ پوزىتسىيەسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر ئۇسۇل – نەزەرىيەسى ناھايىتى جانلىق. ئۆز ئارا ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشنىڭ ئاساسى سىردىشىشتا. سەمىمىيلىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى جۇڭگوچە توغرا ھەل قىلىش يولىنىڭ جەۋھىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر