باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتەلەمدۇ؟

2015.06.12 20:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن كۆرۈشۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە ئەنگلىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. كامېرون ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ 2017 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش – چىقماسلىقىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئۇزاقتىن بۇيان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى لېبۇرالىستلار پارتىيەسى مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ مەسىلىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە سىرتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ ‹‹ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش››نى قوللىغانلىقى ئەسلىدىنلا تىنچ بولمىغان ئەنگلىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىدە قايتا داۋالغۇش پەيدا قىلدى. ئۇنداقتا ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتەلەمدۇ؟

  ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە سىرتىدىكى پارتىيەلەر ‹‹ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش››نى قوللىدى

  ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كامېرون جۇنكېر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەلىكلەر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھازىرقى ھالىتىدىن نارازى بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلاھات قىلىپ، ئەنگلىيەلىكلەرنى غەمدىن خالاس قىلىشى كېرەك، دەپ قاراۋاتىدۇ.

  مۇشۇ ئايدا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كامېرون ئىلگىرى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ 2017 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش – چىقماسلىقنى قارار قىلىشنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى. يېڭى ھۆكۈمەت مۇشۇ ئاينىڭ 27 – كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت يىغىنىدا، يېڭى سىياسىي ئىشلار ۋە قانۇن چىقىرىش لايىھەسىنى جاكارلايدىغانلىقىنى بېكىتتى. پارتىيە ئىچىدىكى زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپادىكى مەسىلىگە قارىتىلغان ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش قانۇن لايىھەسى قانۇن چىقىرىش لايىھەسىدىكى ئالدىن ئويلىشىدىغان ئىش بولۇپ قالغان.

  ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى – لېبۇرالىستلار پارتىيەسى ئەسلىدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش لايىھەسىگە قارشى تۇرغان، ئۇلار ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى زۆرۈر بولغان ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك، دەپ قارايتتى. لېكىن، مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خاررىت خارمان يېقىندا لېبۇرالىستلار پارتىيەسىنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى تويۇقسىز جاكارلاپ، 2017 – يىلىدىن بۇرۇن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش – چىقماسلىقىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن نېمىگە ئېرىشمەكچى؟

  ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولمىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر گەۋدىلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەنگلىيە جەمئىيىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن گۇمانلىنىش، ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىش كەيپىياتى تېخىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئەنگلىيە ئاساسلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپادىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى:

  سىياسىي جەھەتتە: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىدىن ئۈستۈن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىدىن نارازى، ئەنگلىيە پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغان بەزى قانۇن – نىزاملىرىنىڭ ئەنگلىيەدە يولغا قويۇلۇشىنى توسۇشقا ئامالسىز؛ ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قانۇن چىقىرىشقا دائىر بىر قىسىم ھوقۇقلارنى ‹‹قايتۇرۇۋېلىش››نى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹سىياسىينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئىشىغا قاتنىشىشنى خالىمايدۇ. كامېرون مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى قوماندانلىقىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىدۇ، ئەنگلىيە ئۆز دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئىقتىسادىي جەھەتتە: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش››، سودا ساھەسىدىكى بىيۇروكراتلىق ۋە ‹‹زىيادە ئارىلىشىۋېلىش››نى ئازايتىشىنى؛ لوندوننىڭ پۇل مۇئامىلە شەھىرىلىك ئورنىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن چىقىرىشى سەۋەبلىك تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى؛ ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ئاسىيا قاتارلىق رايون سىرتىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر ئەنگلىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئىشلىرى ئاساسلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارقىلىق بولۇۋاتىدۇ، قىسمەن ئەنگلىيەلىكلەر ئەنگلىيەنىڭ تاشقى سودىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ سودا مەنپەئىتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ‹‹تۇتقۇن قىلىۋالدى››، دەپ قارىماقتا.

  كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېڭىدىن ئەزا بولغان دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئەنگلىيەدىكى پاراۋانلىق ھوقۇقىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەدە پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىشكە ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن، يېرىم يىلغىچە خىزمەت تاپالمىغان كۆچمەنلەرنى دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئەدلىيە جەھەتتە: ئەنگلىيە ساقچى ۋە سوت سىستېمىسى ياۋروپا ئىنسانىي ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹ئورۇنسىز ئارىلىشىۋېلىشى››دىن ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلدى، ياۋروپا ئىنسانىي ھوقۇق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقارغان دېلولارنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىغا ئاپتوماتىك كىرىشىنى رەت قىلدى؛ ئەنگلىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ‹‹ھوقۇق قانۇن لايىھەسى››نى تۈزۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار مېخانىزملىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇخسەت قىلامدۇ؟

  ھازىرقى ئىپادىلەردىن قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى ۋە ئاساسلىق ئەزا دۆلەتلەر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقماسلىقىنى بىردەك ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن، ئۇلار ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈزۈلمىسىدىن ‹‹قۇسۇر تېپىش›› قىلمىشىدىن نارازى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ‹‹مۇستەسنالىق قارىشى››نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۈلگىلىك ئېففېكت پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

  كامېرون رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جۇنكېر باياناتچىسى ئارقىلىق مۇنداق دېدى: ئەدەپلىك، دوستانە، ئوبيېكتىپ بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان ھەر قانداق تەكلىپ، قاراش ۋە تەلەپلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، مەسىلىنى بىرلىكتە ‹‹ئادىل›› ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نوپۇس، مال، مۇلازىمەت ۋە مەبلەغنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تۆت چوڭ يادرولۇق ئەركىنلىك بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشنى كېڭىشىشكە بولمايدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى تۇسكىس: ئەنگلىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا داۋاملىق قېلىشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى ھەم بۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھەرقانداق ئەزا دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىپلا قالماستىن، يەنە ھەر قانداق باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: كامېرون سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ئۇدا بەش نۆۋەت ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن ئەھۋالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئاساسلىق ئەزا دۆلەتلەر ئەنگلىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ھازىرلاندى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ پاراۋانلىق ھوقۇقىغا چەك قويۇش قاتارلىق تەلەپلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە قاندۇرىدۇ، لېكىن، نوپۇسنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى قاتارلىق يادرولۇق پىرىنسىپال مەسىلىلەردە كۆپ يول قويمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر