جۇڭگودىكى بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان بىرما دېموكراتىك ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئاڭسەن سۇكيى 14-ئىيۇن چۈشتە بىرمىغا قايتىپ كەلدى ۋە يەرلىك ئامما ۋە دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئاڭسەن سۇكيى ئايرودۇرۇمدا سۆز قىلمىدى، دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىدىكىلەر ئاڭسەن سۇكيىنىڭ بىر ئازدىن كېيىن جۇڭگو زىيارىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.