چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېقىندا چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتقا قارشى سىناق تەرىقىسىدە راكېتا ئېتىش مەشقىنى كۆرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقلىيلەشكەن ھەربىي پاراخوتقا قارشى راكېتا ئالدىن بېكىتىلگەن ئېگىزلىككە بىخەتەر ئۇچۇپ بارغاندىن كېيىن، ‹‹دۈشمەن پاراخوتى››نى ئېنىق تونۇپ زەربە بەرگەن، ھەربىي پاراخوتنىڭ جەڭ تېخنىكىسى ۋە ھەربىي پاراخوتقا قارشى راكېتانىڭ نىشانغا تېگىش نىسبىتى ئەڭ يېڭى ھەربىي ئىشلار تېخنىكا تەلىپىگە يەتكەن.