باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئېنىرگىيە بەلگىسى تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان 441 مىليارد 990 مىڭ كىلوۋات توك تېجەپ قېلىندى

2015.06.15 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېنىرگىيە ئۈنۈمى بەلگىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىق مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزدە ئېنىرگىيە ئۈنۈمى بەلگىسى تۈزۈمى 2005-يىلى 1-مارت رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 441 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت ئېنىرگىيە تېجەپ قېلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېنىرگىيە ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېنىرگىيە دەرىجىسى ئاشۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئېنىرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

  ئېنىرگىيە ئۈنۈمى بەلگىسى تۈزۈمى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئېتىراپ قىلىش، نازارەت قىلىش كومىتېتى بىرلىشىپ چىقارغان ئېنىرگىيە تېجەش بۇلغىما ئازايتىش ۋە سۈپەتنى كونترول قىلىش تەدبىرى، 10 يىل مابەينىدە ئېنىرگىيە ئۈنۈمى بەلگىسى تۈزۈمى ئېنەرگىيە ئىشلىتىلىدىغان جەمئىي 33 خىل مەھسۇلاتقا ئىشلىتىلدى، 9 مىڭ كارخانا ۋە 900دىن ئارتۇق سۈپەت تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قاتناشتى.

  10 يىل جەريانىدا بازار مۇھىتى تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئېنىرگىيە ئۈنۈمى بەلگىسى تۈزۈمى ئارقىلىق بازار نازارەت قىلىش، تەجرىبىخانا باشقۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇچۇرلاشقان باشقۇرۇش تەدبىرى مۇكەممەللىشىپ، ئېنىرگىيە ئۈنۈمى بەلگىسى تۈزۈمىنىڭ مۇقىم تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر