باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دىنىي زاتلار ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››تە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

2015.06.15 17:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن خوتەندە دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

  دىنىي زاتلار ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››تە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

  شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى جۇ يىفەن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مەخسۇس خوتەن شەھىرىگە بېرىپ، بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر)لىرىدىن كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ 30 ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  جاڭ چۈنشيەن دىنىي زاتلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشتىن ئىلگىرى كۆپچىلىككە: ۋەز – تەبلىغ سۆزلىگەندە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما نېمىگە ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ خىزمەتتە قانداق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ؟ ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنى، بەشتە ياخشى دىنىي زات›› بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قانداق تەكلىپىڭلار بار؟ قانداق قىلغاندا دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن تۆت تېمىنى مۇھاكىمىگە قويدى.

  سۆھبەتتە دىنىي زاتلار بۇ تۆت مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا كەڭ – كۇشادە پىكىر بايان قىلدى. جاڭ چۈنشيەن ئارىلاپ سوئال سوراپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى يەنىمۇ ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن 11 دىنىي زاتنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: كۆپچىلىك ئوبدان تەييارلىق قىلىپ، تۆت تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆپچىلىكنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ قوبۇل قىلىدۇ، دېدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پات ئارىدا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تەجرىبىلەرنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، دىنىي زاتلارنىڭ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىدىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 1 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى. قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مەركەزنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، ھەر قايسى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، جۈملىدىن بارلىق دىنىي زاتلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ، توغرا ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا ۋەز – تەبلىغ سۆزلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بارلىق دىنىي زاتلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ياخشى ۋەزىيىتىنى قەدىرلەپ، ئىلگىرىكى ياخشى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. دىنىي زاتلار ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىدىيەۋى تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ، توغرا ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دىنىي زاتلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەم ئۇلارغا ياخشى غەمخورلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تەربىيەلەش، ئىكسكۇرسىيە ۋە كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەردە، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان دىنىي زاتلارغا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، لى شۆجۈن، چېڭ جېنشەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر