باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يولداش چېن يۈن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2015.06.15 19:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 12 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش چېن يۈن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇلۇغۋار ئىشلار بىزنى چاقىرماقتا، يۈكسەك بۇرچ بىزنى ئىلھاملاندۇرماقتا. بىز پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار باشلىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇشىمىز ھەم ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز، شۇنداقلا پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارغا بولغان ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ئۇسۇلىمىز.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە يولداش چېن يۈننىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى ئەسلىدى، يولداش چېن يۈننىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان ئالاھىدە تۆھپىلىرىنى خۇلاسىلىدى، يولداش چېن يۈننىڭ ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، كۆزگە كۆرۈنگەن ماركسىزمچى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق سىنىقىدىن ئۆتكەن كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، يولداش ماۋزېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 1 – ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە دېڭ شياۋپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 2 – ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقىنى ھەم پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ 20 – ئەسىردىكى مۈشكۈل ھەم شانلىق تارىخىي مۇساپىسىدە، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى مەيدانغا كەلدى. يولداش چېن يۈندە ئەكس ئەتكەن قەتئىي ئىرادە ۋە ئېتىقاد، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلى، ئاددىي چاكارلىق ھېسسىياتى، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش روھى بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بىز يولداش چېن يۈننى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز، ئۇنىڭ ئۆز ئېتىقادىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يولداش چېن يۈن ھەر قانداق شارائىتتا ماركسىزم ۋە كوممۇنىزم ئېتىقادىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغان. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روھىي قورغىنىنى مۇستەھكەم قوغداپ، ئوبيېكتىپ دۇنيا بىلەن سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىغا خاس جاسارەت يېتىلدۈرۈپ، ئېتىقادتا چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق نىشانى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يولداش چېن يۈننى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنىڭ كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يولداش چېن يۈن ئىنقىلابنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلغان. ھازىرقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتى ئاستىدا، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم پارتىيەۋىلىكىنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىرادىسى، ھەرىكىتى ۋە قەدىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىز يولداش چېن يۈننى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يولداش چېن يۈن پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. يولداش چېن يۈن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك – دىيانەتلىك بولۇپ، ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە چىرىكلىككە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، يولداشلارغا ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلغان. بۈگۈن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ھەم مۇرەككەپ يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم خەلق بىلەن بىللە، پۇقرالار بىلەن قەلبداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش چېن يۈننى خاتىرىلىشىمىز ھەم ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يولداش چېن يۈن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى بىر ئۆمۈر ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلەش يولداش چېن يۈننىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇشىدىكى ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى. ئۇ ئەستايىدىل بولۇپ، كۆپتۈرمىچىلىك ۋە يېنىكلىك قىلىشقا قارشى تۇرغان، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كەتمىگەن. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى دائىم، كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆپرەك ئىگىلەشكە تىرىشىپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا خىزمەت ئاساسى سېلىشى كېرەك. يولداش چېن يۈننى خاتىرىلىشىمىز ھەم ئۇنىڭ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يولداش چېن يۈن ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت جەريانىدا قەتئىي بوشاشماي قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ناھايىتى يۇقىرى ئىدىيەۋى، نەزەرىيەۋى سەۋىيە ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، يولداش چېن يۈننىڭ ئۆگىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بىر – بىرىگە زىچ باغلانغان. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ئۆگىنىشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت، روھىي ئىنتىلىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى دەپ بىلىپ، ماركسىزملىق پەلسەپەنىڭ مېغىزىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ماتېرىيالىزمنى پەرقلەندۈرىدىغان دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ھەر تەرەپلىمە بىلىملەرنى داۋاملىق ئۆگىنىپ، ئۆگىنىپ ئەقىل تېپىش، ئۆگىنىپ ئىرادە تۇرغۇزۇش، ئۆگىنىپ ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، ئۆگىنىپ ساپانى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يولداش چېن يۈننىڭ ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك ھاياتى ئەسلىنىپ، يولداش چېن يۈننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە يولداش چېن يۈندە ئىپادىلەنگەن قەتئىي ئىرادە ۋە ئېتىقاد، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىستىلى، ئاددىي چاكارلىق ھېسسىياتى، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش روھىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى. شى جىنپىڭنىڭ سۆزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ئالىيجاناب ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىگە، قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل›› مەخسۇس تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، مەركىزىي شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە ئاممىۋى خىزمەت تارماقلىرى، بېيجىڭ شەھىرى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، يولداش چېن يۈننىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى، ئىلگىرى يېنىدا ئىشلىگەن خىزمەتچىلەر ۋە يۇرت ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر