باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمەت نىزامى (سىناق نۇسخىسى)» نى بېسىپ تارقاتتى

2015.06.17 14:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16 - ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمەت نىزامى (سىناق نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ نىزام دەپ ئېلىنىدۇ) نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2015 - يىل 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى.

  مەركەز ۋە يەرلىكتىكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرىدا پارتگۇرۇپپا تەسىس قىلىش −− پارتىيەمىز دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ يولغا قويغان مۇھىم تۈزۈم، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم يول بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ خاس سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكى نامايان قىلىنغان. پارتگۇرۇپپا تۈزۈمى ئىنقىلابىي قۇرۇلۇش ئىسلاھاتىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي باسقۇچلىرىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. ھازىر، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتگۇرۇپپا تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش كېرەك.

  «نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 39 ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، پارتگۇرۇپپا تەسىس قىلىش، مەسئۇلىيەت، تەشكىلىي پىرىنسىپ، كېڭىشىپ قارار چىقىرىش قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلغان، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قانۇن - نىزامى، پارتگۇرۇپپا تەسىس قىلىش ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئومۇمىي ئاساس ھېسابلىنىدۇ. «نىزام» نىڭ بېكىتىلىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى ماسلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا باشتىن - ئاخىر مۇستەھكەم رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەركەز مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەنى تۈزۈم ۋە نىزام بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى، «نىزام» نى يولغا قويۇشتىكى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. «نىزام»نى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتگۇرۇپپا تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارغا «نىزام»نىڭ روھىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، «نىزام» نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلىتىپ، ئۇلارنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى «نىزام»غا تەتبىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمە، تەلەپلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر