چاۋشيەن مەركەز ئاگنېتلىقىنىڭ 16-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا-كەنتلەردە يېقىندا يۈز يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغان. خەۋەرلەردە ئېيتىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پۈتۈن چاۋشيەن بويىچە 8-ئىيۇنغىچە تىكىپ بولۇنغان 441 مىڭ 560 گېكتار شاللىقنىڭ 136 مىڭ 200 گېكتارىدىكى مايسىلار قۇرۇپ كەتكەن. چاۋشيەننىڭ «ئاشلىق ئامبىرى» دەپ نام ئالغان پيوڭئان نامدو، خامگيوڭ نامدو رايونلىرىدا قۇرغاقچىلىق ئەڭ ئېغىر بولغان.
چاۋشيەن مېتېئورلوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، يېقىندا چاۋشيەننىڭ كۆپ قىسىم رايونىدا يامغۇر ياغقان، بىراق، پيوڭئان نامدو، خامگيوڭ نامدو رايونلىرىدا يامغۇر ياغمىغان. نۆۋەتتە، ئالاقىدار تارماقلار قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ.