باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10 مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ چىرىكلىشىشتىن ئۆزىنى تارتمىغان 30 كادىر تەكشۈرۈلدى

2015.06.16 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇن خەۋىرى. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش تورىنىڭ 15- ئىيۇن خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق باش دېرىكتورى ليۇ يۇڭيۈەن بىلەن دۆلەت سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى سۇن خۇڭجى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ئىككەيلەن «پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ چىرىكلىشىشتىن ئۆزىنى تارتمىغان ۋە قول ئۈزمىگەن». تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان 30 نەچچە ئەمەلدار «پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ چىرىكلىشىشتىن ئۆزىنى تارتمىغان ۋە قول ئۈزمىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار 10 كىشى»،دەپ تىلغا ئېلىنغان. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇلتۇردىن بۇيان، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ چىرىكلىشىشىن ئۆزىنى تارتمىغان رەھبىرىي كادىرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىمىز دەپ كۆپ قېتىم ئېيتقان. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش تور بېكىتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان«ئىنتىزام تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلىشىشنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى» ناملىق ماقالىدە، نۆۋەتتىكى چىرىكلىككە قارشى كۈرەش يەنىلا مۈشكۈل ئىكەنلىكى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ چىرىكلىشىشتىن ئۆزىنى تارتمىغان، قول ئۈزمىگەن، يىپ ئۇچى مەركەزلەشكەن، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر