باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 ئۆلكىنىڭ 2014-يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئېلان قىلىندى

2015.06.16 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ھەممىدىن يۇقىرى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ھەممىدىن تۆۋەن بولدى

  يېقىندا، جايلارنىڭ 2014-يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى. جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ ئىستاتېستىكىسىغا قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە ئاز دېگەندە 20 ئۆلكە 2014-يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى ئېلان قىلغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 20 ئۆلكە ئىچىدە، بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەن.

  جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتېستىكىسىغا قارىغاندا، 15-ئىيۇنغا قەدەر، لياۋنىڭ، خېيلۇڭجياڭ، خۇبېي، شىنجاڭ، شىزاڭ، گۈيجۇ، شاڭخەي، جياڭسۇ، تيەنجىن، شەندۇڭ، يۈننەن قاتارلىق 11 ئۆلكىدىن سىرت، قالغان 20 ئۆلكە 2014-يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 20 جاي ئىچىدە، بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەن. بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتېستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى بېيجىڭ شەھىرىدىكى شەھەر-بازارلاردا خۇسۇسىي بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 102مىڭ 268 يۈەن، شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 52 مىڭ 902 يۈەن ئىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى خۇسۇسىي بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى مەملىكەت بويىچە 100 مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن بىردىنبىر رايون بولۇپ، بۇ مەزكۇر سەۋىيە ئەڭ تۆۋەن جاي- خېنەن ئۆلكىسىنىڭ 2.4 ھەسسىسىگە (42مىڭ 179 يۈەن)گە توغرا كېلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر