خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:چەرچەن ناھىيەسىدە ئىيۇندا قار مۇزلار ئېرىپ دەريا سۈيى ئولغۇيۇپ كەلكۈن كېلىش خەۋىپى. شۇڭا چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت كەلكۈننىڭ بىۋاستە زىيىنىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى چوڭ بولغان 98كىلومىتېر بۆلەكنى ئىدارە-ئورگان، يېزا-بازارلارغا بۆلۈپ بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتنى پۇختا ئىشلىدى.ناھىيە بويىچە 10- ئىيۇنغىچە 3 مىڭ ئادەم (قېتىم) كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىپ 60مىڭ تاغار، 28.5توننا سىم قەپەز،900 يۈرۈش سىم تور تەييارلىنىپ، 13 تۇپا ئىتتىرىش، كولاش ماشىنىسى تەييارلاندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى