باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاڭزۇڭزا چاغىنىنىڭ ئالدى - كەينىدە شىنجاڭدىن سىرتقا قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى چۈشتى

2015.06.16 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تاڭزۇڭزا چاغىنىغا بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت قالدى، شىنجاڭدىن چىقىپ شەرقىي جەنۇبقا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى باھاسى چۈشتى. شىنجاڭ ئىچىدىكى لىنىيەلەرنىڭ بېلەت باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەن بولغان، ساياھەتكە چىقماقچى بولغانلار پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلسا بولىدۇ.

  15-ئىيۇن، مۇخبىر ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىش تورى ۋە ھەر قايسى ئاۋىئاتسىيە ئورگان تورىدىن ئىگىلىشىچە، تاڭزۇڭزا چاغىنى(20-ئىيۇن) شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى پەقەت 850 يۈەن، لېكىن ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدە بۇ لىنىيەنىڭ بېلىتى 1000 يۈەندىن يۇقۇر ئىدى. شىئەن، خاڭجۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق لىنىيەنىڭ باھاسىمۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل تۆۋەنلىگەن. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىن شيامېنغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى پەقەت 1400 يۈەن، گۇاڭجۇ 1350 يۈەن، خاڭجۇ 980 يۈەن بولۇپ، يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ تۆۋەن باھا بولغان. جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بازار بۆلۈمى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۈرۈمچىدىن شىئەن،چۇڭچىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى ھەممىسى %25 لىك باھادىن باشلىنىدىكەن. بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى %26 پىرسەنتتىن ، شاڭخەي خوڭچياۋغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 26%دىن باشلىنىدىكەن. خاڭجۇ، جېڭجۇ، سەنيا، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسىمۇ %30 تىن باشلىنىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر