باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە

2015.05.21 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 18-ماي خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندىكى بىر شىركەت دۇنياۋى دېپلوم ياساش تورىنى تىزگىنلەشكە چېتىلغان، نەچچە يۈز ساختا ئۇنىۋېرسىتېت تورى ياساپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇغۇچىلارنى جەلب قىلغان، قانۇنسىز ئېرىشكەن پايدىسى نەچچە ئون مىليون دوللارغا يەتكەن.

  پاكىستاندىكى تەكشۈرگۈچى خادىملار 19-ماي بۇ شىركەتنىڭ باش شىتابى ۋە بىر ئىش بىجىرىش ئورنىنى تۇيۇقسىز ئاقتۇرۇپ، نۇرغۇن كومپىيۇتېرنى مۇسادىرە قىلغان ھەمدە نۇرغۇن خىزمەتچىلىرىدىن گەپ سورىغان.

  ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 18-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ساختا دېپلوم ياساش ياساشقا چېتىشلىق بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى Axact بولۇپ، باش شىتابى پاكىستاننىڭ كاراچىدا ئىكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، Axact شىركىتى نەچچە يۈز ساختا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تورىنى ياسىغان بولۇپ، ئارتېس ياللاپ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قىياپىتىدە تەشۋىقات فىلىمى ئىشلىگەن ھەمدە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچى جەلپ قىلغان. بۇ ساختا مەكتەپلەرنىڭ ئىسمى دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىسمىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن، مەسىلەن كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشىتىپ كولۇمبىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەن ئىسىم بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرغان.

  تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تور بېكەتنىڭ مۇلازىمېتىرى سىپرۇس ۋە لاتۋىيەدە بولۇپ، ساختىنى راست قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇ شىركەت ھەتتا ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە تورى (CNN) قارىمىقىدىكى ئۆز تاراتقۇ تورىدا بۇ ساختا ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۈچۈن ئېلان بەرگەن. نۆۋەتتە بىر پارچە دېپلوم ئۈچۈن ئالدىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاز بولغاندا نەچچە مىڭ، كۆپ بولغاندا نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەپ ئالدانغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر