باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ خۇبېيدا ساياسەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2015.05.21 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئېلىمىزنىڭ بەشىنچى قېتىملىق ساياھەت كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئېنشىدىكى تۇتاش كەتكەن نامرات رايونلاردا ساياسەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەھرا ساياھىتى ئاساسىي قاتلاملار ۋە ئاممىنىڭ ئىجادىيىتى، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامرات رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنىڭ مۇھىم يولى. ئېكولوگىيەنى قوغداش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاھالىنىڭ ساياھەت تىجارىتى ۋە مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن پايدىغا ئىگە قىلىش، گۈزەل تاغ-دەريالارنى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىش كېرەك. ۋۇلىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان ئىنشى تۇجيازۇ-مياۋزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى نامرات تاغلىق رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ۋە ئېكولوگىيە ئىقتىدار رايونى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلىكىگە قارىتىپ، ساياھەتچىلىكنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، نامرات ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر