شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 19-ماي، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئامېرىكا ھاۋاينىڭ ئوئاھۇ ئارىلىدا قۇرۇقلۇق ھەم سۇدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى 10 نەچچە دۆلەتنىڭ ئارمىيە ۋەكىللىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ، ھەم سۇدا، ھەم قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ دۆلەت ئۆزئارا مانېۋىر قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. بۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق يىغىنى ئېچىشى ھېسابلىنىدىكەن.