خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ، ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 21- ماي قاتناش تىرانسىپورت سىستېمىسنىڭ « دىنىي ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش» بويىچە نەق مەيدان يىغىنى كۇچا ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسىدە ئېچىلدى.
نەق مەيدان يىغىندا ھەرقايسى قاتناش تىرانسىپورت سىسىتېمىلىرىدىن كەلگەن 120 نەپەردىن ئارتۇق يىغىن ئىشتىراكىلىرىنى كۈسەن تىرانسىپورت يۇلۇچى تۇشۇش شىركىتى ، كۇچا تاكسى مۇلازىمەت شىركىتى ۋە بىر قىسىم مال يەتكۈزۈش ئۇرۇنلىرىنىڭ « دىنىي ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش » بويىچە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە تەشۋىقات تەربىيە ئەھۋالىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ تۇنۇشىنى يۇقۇرى كۆتەردى .
سۈرەتتە: 21- ماي ئېچىلغان قاتناش تىرانسىپورت سىستېمىسنىڭ « دىنىي ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش» بويىچە نەق مەيدان يىغىنىدىن كۈرۈنۈشلەر .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى