باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز تارماق 1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى پائالىيىتىنى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇردى

2015.05.25 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى 1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بالىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىش، نۇرلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، بالىلارنى بايرىمىنى خۇشال خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۈزەل ئەخلاقلىق ئۆسمۈرلەردىن ئۆگىنىش ۋە بولۇش ئاساسىي تېمىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيەسىنى تەشۋىق قىلىش نامايان قىلىش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ،ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم. بايرام مەزگىلىدە جايلار، ئالاقىدار تارماقلار تۈرلۈك شەكىلدىكى قانۇنچىلىق بىخەتەرلىك تەلىم تەربىيە پائالىيىتىگە تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنىڭ قانۇنچىلىق قارىشى، پىرىنسىپ ئېڭى، ئەخلاق ساپاسىنى يېتىلدۈرۈپ، بالىلارنى كىچىكىدىن قانۇنغا رىئايە قىلىش، گۈزەل ئەخلاقنى نۇرلاندۇرۇش قارىشىنى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر