باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى نۇقتىلىق رايونلاردا ھەممىباب قاتناش كارتىسىنى تورلاشتۇرۇش ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2015.05.25 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تىرانسپورت مۇلازىمىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۈيپىڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، چاڭجياڭ ئىقتىساد رايونى ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەر توپى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ھەممىباب قاتناش كارتىسىنى تورلاشتۇرۇشنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى چىقارغان «ھەممىباب قاتناش كارتىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، تورلاشتۇرۇشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»گە ئاساسەن، ھەممىباب قاتناش كارتىسىنى تورلاشتۇرۇشتا مەۋقە ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسىغا قارىتىلىدىكەن، كوچا ئاپتوبۇسى، مېترو، تاكسىدىن باشقا يەنە كېچىك، شەھەر ئارا پويىز، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلارنى تورلاشتۇرۇشمۇ ئويلىشىڭىز، جەمئىيەتنىڭ كۆپ خىل قاتناش ئۇسۇلىنى تورلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىشقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى تولۇق قاندۇرىلىدىكەن. ئۆزگەرتىش داۋامىدا، «بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ماسلاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرۈش، تەدرىجىي ئالماشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى مەزگىلنى مۇقىم تاماملاش» تەپەككۇرى بويىچە، تورلاشتۇرۇشنىڭ بىر تۇتاش ئۆلچىمى تەدرىجىي يولغا قويۇلىدىكەن. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئەسلىدىكى ھەممىباب قاتناش كارتىسىنىڭ داۋاملىق ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزۈلمەي، يۈككە ئايلىنىپ قېلىش ۋە ئىسراپچىلىق بولۇشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر