- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
2015.05.25 09:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن 2015-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەر ئىسىملىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، ئىسىملىككە قارىغاندا، 2015-يىلى 21-مايغىچە مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەر 2845كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىن 2553 بار ئىكەن، بۇ مۇستەقىل تەسىس قىلىنغان پۇقراۋىي ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىن 447نى، مۇستەقىل ئىنستىتۇتتىن 275، جۇڭگو چەتئەل ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئالىي مەكتەپتىن 7نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. چوڭلار ئالىي مەكتىپىدىن 292ى بار ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇنداق ئالىي مەكتەپ ئىسىملىكىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر يىلى ئېلان قىلىدىكەن، لېكىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تەننەرخنى تۆۋەنلەتكەن، پايدا ئېلىش بوشلۇقى چوڭ بەزى ياۋا ئالىي مەكتەپلەر كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلگەن. يېقىندا توردا تارقالغان بىر تۈركۈم ياۋا ئالىي مەكتەپلەر ئىسىملىكىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى، مەكتەپ باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان، قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ۋە توردا ئالدامچىلىق قىلغان 210 ساختا ئالىي مەكتەپ يەنە بىر قېتىم جەمئىيەتنىڭ كەڭ تۈردە يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىگە كىرىپ ھازىر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى بولغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسىملىكىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، ئىسىملىكتە بولمىغان تۈرلۈك مەكتەپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر