باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاكسى كەسپى ئىسلاھاتى ھەققىدە پىكىر ئېلىنىدۇ

2015.05.25 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: تاكسى ئىسلاھاتى ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى تاكسى كەسپى ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك دىققەت قىلماقتا. ھازىر قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تاكسى كەسپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى تاكسى كەسپى ئىسلاھاتىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش كىرگۈزمەكتە. بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: تاكسى كەسپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېتەكچى پىكىرىدە تەۋە جاي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ، مەسىلىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. تاكسى مۇلازىمىتى، كۆپ مەنبەلەشكەن مۇلازىمەت سىستېمىسى ئورنىتىش، تاكسى تىرانسپورت كۈچىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، تىجارەت ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، باھا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاشكارا، ئېنىق نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق تەرەپلەر نۇقتىلىق زىچ چۆرىدىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتى تەڭپۇڭلاشتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تاكسى كەسپىدە تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر