باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كورلا خېشۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ مەسئۇلى ساخاۋەتچى، خې ئەپەندىم قاراباغ باشلانغۇچ مەكتىپىگە 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدە پارتا- ئورۇندۇق ياردەم قىلدى(1)

2015.05.22 16:28   مەنبە: خەلق تورى

كورلا خېشۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ مەسئۇلى ساخاۋەتچى، خې ئەپەندىم قاراباغ باشلانغۇچ مەكتىپىگە 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدە پارتا- ئورۇندۇق ياردەم قىلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن، كورلا خېشۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ مەسئۇلى، ساخاۋەتچى خې ئەپەندىم يېڭشەھەر يېزا قاراباغ باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدە 200 يۈرۈش ئوقۇغۇچىلار پارتا-ئورۇندۇق، 30 يۈرۈش ئوقۇتقۇچىلار پارتا-ئورۇندۇق، ۋە بەش يۈرۈش كىتاپ جازىسى ياردەم قىلدى. ساخاۋەتچى خې ئەپەندىم سۆز قىلىپ: مەن بۇندىن كېيىن ھالال ئەمگىكىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ. مانا مۇشۇنداق ئوقۇتۇش شارائىتى كەمچىل مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ئىقتىسادىي ۋە ماددىي جەھەتتىن ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىپ تۇرىمەن. قاراباغ باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى رەھىمە ئېلى مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەكتىپىمىزگە كورلا خېشۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ مەسئۇلى ساخاۋەتچى خې ئەپەندىم ئۆز يېنىدىن 100 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، بۇ پۇللارغا پارتا-ئورۇندۇق سېتىۋېلىپ، بىز ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يېڭى پارتا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، دەرس ئاڭلىشىمىزغا، ۋە مەكتىپىمىزدە پارتا ئورۇندۇق يېتىشمەسلىكتەك قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىدىن بەكمۇ خوشال بولدۇق، مەن مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار نامىدىن بۇ ساخاۋەتچى خې ئەپەندىمگە چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، بىز تاغىمىز ۋە ساخاۋەتچىمىز خې ئەپەندىمنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى يەردە قويماي تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەن خەلققە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىشقا تىرىشمىز. ئاخىرىدا، ساخاۋەتچى خې تاغىمىزنىڭ تېنىغا سالامەتلىك، ئائىلىسىگە زور بەخت، تىجارىتىنىڭ مەڭگۈ روناق تېپىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن. ئارقىدىن يېڭشەھەر يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈ چىن لوڭ، يېزا باشلىقى زاھىر قايىر، ۋە يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەرجان ياسىن قاتارلىقلار كەينى-كەينىدىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ 33-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى. دەل مۇشۇ پەيتتە، كورلا خېشۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ مەسئۇلى ساخاۋەتچى، خې ئەپەندىم يېزىمىزنىڭ مىللىي مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى، ۋە مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئۆز يېنىدىن 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدە پارتا-ئورۇندۇق، كىتاپ جازىسى، قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، قارباغ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىدىن كۆپ مىننەتدار بولدۇق. مەن يېڭشەھەر يېزىلىق پارتكوم، يېزىلىق ھۆكۈمەت، ۋە يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ نامىدىن مائارىپنى قوللىغۇچى، ساخاۋەتچى، خې ئەپەندىمگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۇر، خې ئەپەندىمنىڭ تېنىغا سالامەت، تىجارىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىشىغا تىلەكداشمىز... ئاخىرىدا، يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەرجان ياسىن بىلەن ساخاۋەتچى خې ئەپەندىم بىر بىرىنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتقان ھالدا؛ بۇندىن كېيىن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى بىرلىكتە ئېچىلدۇرۇپ ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىر بىرىگە ۋەدە بېرىشتى. ھەمدە ئەنۋەرجان ياسىن خې ئەپەندىمگە مىننەتدارلىق لەۋھەسى تەقدىم قىلدى.

  سۈرەتتە: 19-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ساخاۋەتچى، خې ئەپەندىمنىڭ قارباغ باشلانغۇچ مەكتەپكە ياردەم بەرگەن پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈشلەر

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…