باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بېيجىڭنىڭ مۇلازىمەتنى ئېچىۋېتىش سىنىقىغا كېڭەيتىشىن تەستىقلىدى

2015.05.22 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن يېقىندا «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇلازىمەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىنىقىغا كېڭەيتىش ئومۇمىي لايىھەسى ھەققىدىكى تەستىق»نى چىقىرىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇلازىمەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىنىقىغا كېڭەيتىشىگە قوشۇلدى، بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ شەھىرى مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەتچىلىكنى تۇنجى قېتىم ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىنىقىغا كېڭەيتكەن شەھەر بولۇپ قالدى. تەستىقتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بېيجىڭ شەھىرى مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىنىقىغا كېڭەيتىشتە، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇلازىمەتچىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، پايتەخت ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا قائىدە بىلەن جىپسىلىشىدىغان مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىشكە كېڭەيتىشنىڭ تۈپ رامكىسىنى ئورنىتىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىنىقىغا كېڭەيتىشىنى دۆلەتنىڭ ئەتراپلىق، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىشچان ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر