باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى ئىلمىي باقمىچىلىق ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى

2015.05.22 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەزىمەت توختى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، زور بىر تۈركۈم دېھقان، چارۋىچىلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى. ئونسۇ ناھىيەسى ئۈلگىلىك كەنت، مەيدان، ئائىلىلەرنى بېكىتىش ئارقىلىق، «سافۇلىك» قوشقىرى كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈلگىلىك كەنت، مەيدان، ئائىلىلەرنىڭ ئوت-چۆپنى ئۇششاقلاپ بىرىش، ئۇقۇردا يەم بېرىش، قوشقار بىلەن ساغلىقنى ئايرىپ بېقىش، يەمنى مۇۋاپىق تەڭشەپ بىرىش، ساغلىق بىلەن پاقلانغا مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش، پاقلاننىڭ قۇيرۇقىنى كېسىش، يەرلىك قوشقارنى كاسراتىسىيە قىلىش، قېرى، ئاجىز چارۋىلارنى شاللاش قاتارلىق ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ئادەتتىكى يەرلىك قويغا بىر كۈندە 3 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم كېتىدۇ، 90 كۈندە قوتاندىن چىقىرىلىدۇ، لېكىن كىرگۈزۈلگەن سافۇلىك قوشقىرىغا بىر كۈندە 5 يۈەن ئەتىراپىدا چىقىم كىتىدۇ، 40 كۈندە قوتاندىن چىقىرىلىدۇ، ھەمدە بازار باھاسىمۇ يەرلىك قوي بازار باھاسىنىڭ 2 ھەسسىسگە توغرا كېلىدۇ، كۆپىيىش نىسبىتىمۇ يەرلىك قويدىن %30 يۇقىرى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر