باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

−−شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2015.05.22 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلىك سەپ بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىر گەۋدىسى، بىردەكلىكلا بولۇپ كۆپ خىللىق بولمىغاندا، ياكى كۆپ خىللىقلا بولۇپ بىردەكلىك بولمىغاندا، بىرلىك سەپنى قۇرغىلى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، چوقۇم بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئورتاق ئىدىيە ۋە سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاشمىغان قاراشلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىمكانقەدەر ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. بۇ بىرلىك سەپنىڭ 90 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەجرىبىسىنىڭ ئىلمىي خۇلاسىسى، بىرلىك سەپ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلىگەنلىك بولۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇردى.بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىق ئىزچىل بىرلىك سەپنىڭ ھەر قايسى تارىخىي مەزگىللىرىگە سىڭىپ، بىرلىك سەپنىڭ ھەر قايسى خىزمەت ساھەلىرىنى قاپلىدى. شۇنداق دېيىشكە بولدىكى، بىرلىك سەپ خىزمىتىدە تارىختا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭ مەنبەسى دەل بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقتىن بولغان ياكى بىرلىك سەپكە زىيان يەتكۈزىدىغان پرىنسىپ جەھەتتىكى ئىختىلاپقا دائىم چىداپ تۇرغانلىق ياكى ساپلىقنى ھەددىدىن زىيادە قوغلاشقانلىقتىن بولغان بولۇپ ھەممىسى پارتىيە ئىشلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بىرلىك سەپ خىزمىتى سىياسىي پارتىيە مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىن مۇناسىۋىتى، سىنىپىي مۇناسىۋەت ۋە دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جەريان، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىردەكلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆپ خىللىققا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان جەريان. كۆپ خىللىقنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا بىردەكلىك دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، بىرلىك سەپنىڭ ئىتتىپاقلىق ئاساسىمۇ شۇنچە پۇختا بولىدۇ؛ بىرلىك سەپنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ئاساسىدا كۆپ خىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتكەنسېرى، بىرلىك سەپنىڭ ئىتتىپاقلىق كۈچى ئاشىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر