باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىسپانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى دىسان مارىيا بىلەن كۆرۈشتى

2015.05.29 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى چېڭ خۇڭ شۇ جاي ۋاقتى 27-ماي چۈشتىن كېيىن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تۆت دۆلەتتىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلى ئىسپانىيەنىڭ ماللوركادا توختاپ ئۆتتى. ئىسپانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى دىسان مارىيا ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئىسپانىيە يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۈ فەنمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  ئۇنىڭدىن كېيىن لى كېچياڭ ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا دىسان مارىيا بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ جۇڭگو-ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى باھالاپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ، جۇڭگو-ئىسپانىيە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئون يىلىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەڭپۇڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئىنسانلار مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىسپانىيەدە كەسىپلەرنى يولغا قويۇشى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئىسپانىيەدە ساياھەت، ئۆگىنىش، ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ قولاي بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر