خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى 31-مايدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىن كەلگەن ئاشق ـ مەشۇقلار پارىژدىكى سەينا دەرياسى بويىدىكى سەنئەت كۆۋرۈكىگە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قولۇپنى شۇ يەرگە ئاسىدۇ. بىراق ھازىر قولۇپلار سەنئەت كۆۋرۈكى گەۋدىسىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، «مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش»بەدىلىگە ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پارىژ دائىرىلىرى 1-ئىيۇندىن باشلاپ مۇھەببەت قۇلۇپلىرىنى ئېچىشنى باشلايدىكەن.