باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شەرقىي جۇڭگودىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەر پارتكومىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

شى جىنپىڭ: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكنى مەۋقە قىلىپ ئاكتىپ ئىشلەپ، «13-بەش يىل» لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى سىستېمىلىق پىلانلاش كېرەك

2015.05.29 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ماي جېجياڭدا شەرقىي جۇڭگودىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەر پارتكومىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تەكلىپ-پىكرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «13-بەش يىل» ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەزگىلى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى تونۇپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ۋە شارائىتىنى ئانالىز قىلىپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىز ۋە نىشانىمىز، دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى مەۋقە قىلىش، پايدىنى كۆزلەپ زىياندىن قېچىش، ئاكتىپ ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى سىستېمىلىق ياخشى پىلانلىشى كېرەك.

  بۇ يىل «12-بەش يىل» پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاخىرقى يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مەخسۇس بۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خەن جېڭ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو جىجۈن، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شا باۋلۇڭ، ئەنخۈي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ باۋشۈن، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۇ چۈەن، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چياڭ ۋېي، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جياڭ يىكاڭ سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئابىستراكىت ۋە كونكرېت ئىشلار بويىچە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئويى ۋە تەدبىرلىرىنى سۆزلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، رايونلار ئارا ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىر بەردى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى ۋە ئارىدا پات-پات سوئال سوراپ مۇزاكىرىلەشتى. كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر