- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مارىلاند شتاتىنىڭ سابىق باشلىقى ئوماللىي 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2015.06.02 15:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مارىلاند شتاتىنىڭ سابىق باشلىقى، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى مارتىن ئوماللىي 30-ماي 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ئوماللىي شۇ كۈنى مارىلاندتىكى ئەڭ چوڭ شەھەر بالتىموردا قوللىغۇچىلىرىغا سايلامغا قاتنىشىش نۇتۇقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن.
ئوماللىي بۇ يىل 52 ياش، 2007-يىلى 1-ئايدىن 2015-يىلى 1-ئايغىچە مارىلاند شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ نامراتلار بىلەن بايلار ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىپ، ئىشچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پاراۋانلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر