- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي ئىككى دۆلەتنىڭ جۇڭگو-كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز ئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
2015.06.02 14:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي 1-ئىيۇن جۇڭگو-كورىيەنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى» ئىمزالىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز ئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو-كورىيە قوشنا دۆلەت بولۇپ، مەدەنىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك. جۇڭگو ھازىر كورىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتىغا، كورىيەمۇ جۇڭگونىڭ 3-چوڭ سودا ھەمراھى ۋە 5-چوڭ چەت ئەل مەبلىغى مەنبەسىگە ئايلاندى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي ئاسىيا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو-كورىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىدۇ، شەرقىي ئاسىيا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر