باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە كۈتۈپخانا قۇرۇلىدۇ

2015.06.02 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «يېڭى مەزگىلدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ كۈتۈپخانا قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»دە، يېڭى مەزگىلدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نۆۋەتتىكى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ساقلىنىۋاتقان كۈتۈپخانىدىكى كىتاپلارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، مائارىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن بىرىكىشى يىتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بىر قاتار نىشانلىق خىزمەت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.«پىكىر»دە مۇنداق دېيىلدى: 2018- يىلىغا بارغاندا، شارائىتى بار رايونلاردا مەكتەپ قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بويىچە يېڭى كۈتۈپخانا تولۇقلاپ سېلىنىدۇ، ئۆلچەمگە يەتمىگەن كۈتۈپخانىلارنىڭ شارائىتى ياخشىلىنىدۇ، شارائىتى يار بەرمەيدىغان يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرى، ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا كۈتۈپخانا، قىرائەتخانا قۇرۇلىدۇ. 2020- يىلىغا بارغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئاساسەن كۈتۈپخانا قۇرۇلىدۇ. دەرسلىك قۇرۇلۇشى ئاساسەن تاماملىنىدۇ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، ساپا مائارىپىغا ماس كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ كۈتۈپخانا قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى يولغا قويۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر