خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(پولات نىياز) 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چەرچەن ناھىيە توغراقلىق يېزا زاغۇنلۇق كەنتى قىززىپ كەتتى. بۇ كۈنى كەنتتىكى ياشانغان 5جۈپ ئەر- ئايالنىڭ ئالتۇن تويى بولىۋاتقان ئىدى. بۇ توينى توغراقلىق يېزىلىق پارتكوم ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن زاغۇنلۇق كەنتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ كەنتتىكى قادىر بارات،تۇرسۇن سىدىق،چىڭ كېلا،خۇ جىئەنيۈەن،قاسىم رۇزىلارنىڭ ‹‹مىللەتلەر بىر ئائىلەكىشىلىرىدەك يېقىن بولۇپ ئالتۇن توينى تەبرىكلەش ›› 50يىللىق ئالتۇن تويى قۇتلۇقنىۋاتاتتى.ئالتۇن توي مۇراسىمىدا5جۇپ ئەر-ئايال بىر بىرىگە باش كىيىم سوۋغا قىلىنغاندىن كېيىن يېزىدىن ئۇلارغا تەييارلىغان سوۋغاتلار تارقىتىلىپ بېرىلدى. كەنتنىڭ پېشقەدەم سازەندىسى غېنى رۇزى باشچىلىغىدىكى مۇزىكا ئەترىتى مۇزىكا چېلىپ ياشانغان ئەر ئاياللار ئۇسۇلغا چۈشتى. كەنت ھويلىسىدا داش قازاندا پولۇ ئىتىلىپ تويغا قاتناشقان 400دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى ئاممىسى مەرىكە ئېشىغا ئېغىز تەگدى. بۇ قېتىمقى ئالتۇن تويدا دېھقان-چارۋىچىلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى توي ئادەتلىرى تەشۋىق ۋە تەشەببۇس قىلىنىپ تويدا ساز چالسا گۇنا دىگەندەك ئەسەبىي پەتىۋا قاراشلار قاتتىق قامچىلىنىپ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشقا يىتەكلەپ زاغۇنلۇق كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشكە چاقىرىق قىلىندى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى