خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتۇسى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوغا سۈپۈتىدە، ئونسۇ ناھىيەسى ئۈچ ئاي ۋاقىت چىقىرىپ، 1 مىليۇن 560 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئومۇمى كۆلىمى 750 كۇۋادىرات مېتر كېلىدىغان ئونسۇ تەشۋىقات-تەربىيە كۆرگەزمەخانىسىغا يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمى 1-ئىيول ناھىيەلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پائاليەت مەركىزىدە داغ-دۇغلۇق ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمە زالىغا پوتۇ سۈرەت، تارخى قول يازما، تۈرلۈك مەدەنىيەت بۇيۇملىرى قۇيۇلغان بولۇپ، «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش»،«قوش ھىمايە قىلىش»،«ئونسۇنىڭ تەرەققىيات تارىخى»،«شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت كۆرگەزمىسى»،«مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمە»زالى قاتارلىق ئالتە ئۆيدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇگۈندىن باشلاپ كۆرگەزمە زالى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن.
سۈرەتتە: پائاليەتتىن كۆرۈنۈشلەر.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى