باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى 1-ئىيۇندىن باشلاپ «ئەڭ قاتتىق تاماكا چەكلەش بۇيرۇقى»نى يولغا قويدى

2015.06.02 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كىشىلەر كۈن بويى چۈشۈپ تۇرىدىغان مېتروسى ئىچىدە، ئىلگىرى كىنولارنىڭ مۇقەددىمىسىنى كۆرسىتىدىغان چوڭ ئېكراندا تاماكا چەكلەش تەشۋىقات فىلىمى كۆرسىتىلدى، فىلىمدە بىر ئايال يولۇچىنىڭ بىر ئەردىن قولىدىكى تاماكىنى ئۆچۈرۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. 1-ئىيۇندىن باشلاپ بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش قىيىن ئىشقا ئايلاندى.

  «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق تاماكا چەكلەش بۇيرۇقى» دەپ ئاتالغان «بېيجىڭ شەھرىنىڭ تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى» 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، نىزامدا ئاممىۋى سورۇنلاردىكى، خىزمەت سورۇنلىرىدىكى ئۆي-زال ئىچىدە ۋە ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى ئىچىدە تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەلگىلەندى، بۇ يەنە يەسلى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنى، تەنھەرىكەت مەيدانى، بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ سىرتقى رايونلىرىدا تاماكا چېكىشنى چەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  جۇڭگونىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە 6-ئىيۇن «توي قىلىدىغان ياخشى كۈن» ھېسابلىنىدۇ، لېكىن مېھمانخانا خوجايىنى ما يۇڭشېڭ ئالدىن كېلىشىپ قويغان بىر مەيدان توي مۇراسىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مېھمان تېلېفون بېرىپ «تاماكا چەكسەك بولامدۇ، تاماكا چەككۈزمىسەڭلار سىلەرنىڭ مېھمانخانىدا توي قىلمايمىز» دەپ سورىغانىدى، مەن ئۇلارغا 1-ئىيۇندىن باشلاپ يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلىدۇ، بەلگىلىمىدە مېھمانخانىدا تاماكا چەكسە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، دېدىم.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر