باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنت شۇجىسى غەيرەت ھۈسەن: خىزمەت ئەترىتى ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى

2015.06.02 16:59   مەنبە: خەلق تورى

كەنت شۇجىسى غەيرەت ھۈسەن: خىزمەت ئەترىتى ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى

  خەلق تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد) 3– ماي ئەتىگەن سائەت 10لاردا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتىنىڭ يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان غولسۇ ئۆستىڭى قۇرۇلۇشى مەيدانىدا ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىن بۇ كەنتكە «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمىتىگە چۈشكەن گۇرۇپپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەت روزى كەنت شۇجىسى غەيرەت ھۈسەن بىلەن قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىدىن قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىۋاتاتتى.

  ـــ سۈپەتنى چوقۇم چىڭ تۇتۇشۇڭلار كېرەك، سېمونت ئاستىغا ياتقۇزۇلغان سۇ ئۆتمەس قەۋىتى چوقۇم تەلەپتىكى قېلىنلىق ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك،- دېدى ئەخمەت روزى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىگە،- قۇرۇلۇشنى ۋاقتىدا سۈپەتلىك پۈتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلغايسىلەر.

  ـــ خاتىرجەم بولۇڭ، قۇرۇلۇش ئاي ئاخىرىغىچە پۈتۈپ سۇ باشلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز،- دېدى قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ئەخمەت روزى ۋە كەنت شۇجىسى غەيرەت ھۈسەنگە ۋەدە بېرىپ.

  ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتى توخۇلا يېزىسىدىكى بىرقەدەر چوڭ كەنت بولۇپ، كەنت بويىچە 1192ئادەم، 247نوپۇس بار ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 18مىڭ 260يۈەن بولۇپ، كەنتتە 5170مو شاللىق، 4200مو باغ – ۋاران بولغاچقا سۇغا بولغان ئېھتىياج ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئەسلىدىكى غولسۇ ئۆستىڭىنىڭ سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ بولمىغانلىقى تۈپەيلى سۇنىڭ يەرگە سىڭىپ كېتىشى ئېغىر بولغانلىقتىن ناھىيە بويىچە نۇقتىلىق شال تېرىيدىغان بۇ كەنتتە سۇ مەسىلىسى بىر مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىن چۈشكەن 2 – نۆۋەتلىك «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى يېتىپ كەلگەندىن كېيىنلا دەرھال كەنتنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىشىنى مۇھىم ئىشلار قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى،- دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى غەيرەت ھۈسەن ماڭا،- 683مېترلىق سۇ سىڭمەس ئۆستىڭى قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ، مەبلەغنى ھەل قىلىشقا 40كۈن ۋاقىت كەتتى، بۇ قۇرۇلۇشقا 981مىڭ 169يۈەن كېتىدىكەن، ھازىر مەبلەغ %100ئەمەلىيلىشىپ بولۇندى. بۇ ئۆستەڭگە كېلىدىغان سۇ بىزنىڭ كەنتنىڭلا سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ قالماي يەنە ئۈستۈنكى سۇبۇلاق، داخان كەنتىنىڭمۇ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا زور ياردىمى بار.

  ـــ 2 – قارارلىق خىزمەت گۇرۇپپىمىز ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن بىز مۇھىم نۇقتىنى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تەشۋىقاتىغا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تۈرىگە قاراتتۇق،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىن بۇ كەنتكە «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمىتىگە چۈشكەن گۇرۇپپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەت روزى،- ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، «تۆت پىشقەدەم» لەر بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق كەنتتنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ئىدارىمىزغا قارىتىپ دوكلات سۇندۇق. ئىدارە پارتكومىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن كەنتىمىزدە بىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ۋە بۇلتۇر قارار قىلىنغان خىزمەت گۇرۇپپىسى چۈشكەن ئىككە كەنتتە ئۈچ يىلدا 30كلومېترلىق يول ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنت بۆلىكىدىكى 3مىڭ 200مېتر، داخان كەنتىدىكى 6مىڭ 800مېتر بۆلىكىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق، مەبلەغمۇ تېزلا ئەمەلىيلەشتى، قۇرۇلۇش ۋاقتىدا باشلاندى. پىلانىمىزدا ماينىڭ ئاخىرىغىچە ئۆستەڭگە سۇنى باشلاشقا، يولغا ماي ياتقۇزۇپ بولۇشقا تىرىشىمىز.

  ئەخمەت روزىدىن ئىگىلىشىمچە، خىزمەت گۇرۇپپىسى 1 – مارتتىن باشلاپ خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيان ئالدى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، كەنت ساقچىخانىسى ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋېتىنى ماسلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتقان، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ھەربىر كۈنىدە ئوخشىمىغان ئادەملەر توپى بويىچە يەنى پارتىيە ئەزالىرىغا بىر كۈن، ئاياللارغا بىر كۈن، ياشلارغا بىر كۈن دىگەندەك ھەربىركۈندە پارتىيەنىڭ خەلقگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقاتنى، پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتى قاتارلىق قاراتمىلىقى بار تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويغان. ئەتراپتىكى ئىككى كەنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كەنتتىكى بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىدا ئوقۇيالماسلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كەنت باشلانغۇچ مەكتىبىنىڭ يېنىدا 1مىليون 280مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن بىر قوشتىللىق بالىلار باغچىسىدىن بىرنى سېلىشنى ئىدارە پارتكومىغا يولىغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ