باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر كوناشەھەر رايونى شىنجاڭدىكى تۇنجى 5A دەرىجىلىك تارىخ - مەدەنىيەت سەيلىگاھى بولۇش ئالدىدا

2015.06.02 17:03   مەنبە: خەلق تورى

قەشقەر كوناشەھەر رايونى شىنجاڭدىكى تۇنجى 5A دەرىجىلىك تارىخ - مەدەنىيەت سەيلىگاھى بولۇش ئالدىدا

  خەلق تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد) 2013– يىلى قەشقەر شەھىرى قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى دۆلەتنىڭ 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلاپ، بۇ نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر رايونىغا يېڭى تون كىيگۈزمەكچى بولدى. 2014- يىلىنىڭ ئاخىرى قەشقەر شەھىرى قەشقەر كوناشەھەر رايونىنىنىڭ دۆلەتلىك 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن، بۇ يىل بېشىدا دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى، بۇ يىل ئىيۇندا دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى رەسمىي تۈردە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. شىنجاڭدىكى تۇنجى 5Aدەرىجىلىك تارىخ - مەدەنىيەت سەيلىگاھى پات ئارىدا جاھان ئەھلىگە ئۆزىنىڭ سېھىرلىك جامالىنى كۆرسەتكۈسى.

  24 – ماي چۈشتە شۋېتسىيەدىن كەلگەن ساياھەتچى فرېدىن خانىمى ۋە قىزى، ئوغلى بىلەن ساياھەت يېتەكچىسى قەلبىنۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىكترونلۇق ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى سەيلە قىلماقتا ئىدى. ساياھەت يېتەكچىسى قەلبىنۇر ئۇنىڭغا ئېنگلىز تىلىدا بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ تارىخىنى ئالدىرىماي چۈشەندۈرىۋاتاتتى.

  ـــ يىپەك يولىدىكى بۇ قەدەمىي شەھەر ماڭا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بۇ يەرگە مەن 10يىل بۇرۇن بىر كەلگەنىدى، بۇ قېتىم ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىشىم، 10يىل بۇرۇنغا قارىغاندا بۇ يەردە زور ئۆزگىرىش بولۇپتۇ، بۇرۇنقى ئەسكى يوللار ئورنىغا يېڭى يوللار ياسىلىپتۇ، ھاجەتخانا، كافىخانا، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى، موزېيخانا قاتارلىق ھەرخىل ئەسلىھەلەر تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپتۇ، ياخشىلىنىپتۇ،- دېدى فرېدىن ماڭا باشمالتىقىنى كۆرسىتىپ.

  «يىپەك يولىدىكى موزېيخانا» دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ قەدەمىي ماكان نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ جاي شەرىق ۋە غەرپ مەدەنىيەتىنىڭ ئۇچراشقان جايى، تارقىلىش رايونى بولۇپ كەلگەچكە قەشقەر كوناشەھەر رايونى مىللىي مەدەنىيەت ۋە جىسىمسىز ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم بازىسىغا ئايلانغان. يېقىنقى يىللاردىن جىسىمسىز ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىشى بىلەن كوناشەھەر رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكى تېزدىن تەرەققىي قىلدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان كوناشەھەر رايونى قەشقەر شەھىرىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى ئەڭ كۆپ رايون شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەھەرگە ئايلاندۇرغان. دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى بولغان ھېيتكاھ مەسجىتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىدىن ساقىيە مۇدەررىسى، چاپان بازىرى مەسجىتى قاتارلىقلار بۇ يەردە تارىخنىڭ شاھىدى بولۇپ ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

  ـــ قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى دۆلەتلىك 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن دەپ ئاڭلاپ بەك خۇشال بولدۇق، چۈنكى بىزنىڭ ياسايدىغان نەرسىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ساياھەت بويۇملىرى، ساياھەتچىلەر كۆپلەپ كېلىپ بەرسە بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزنىڭ ئېشىشىغا كۆپ پايدىسى بار، ساياھەتچىلەر مەھسۇلاتلىرىمىزنى كۆپلەپ ئېلىپ بەرگەنسېرى بىزنىڭ تېخىمۇ ئېسىل مەھسۇلاتلارنى قولدىن چىقىرىشىمىزغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ،- دېدى 24 – ماي قەشقەر شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونى كەتمەن بازىرىدىكى مىس ھۈنەر سەنئەت بويۇملىرى سودىگىرى، 4 – ئەۋلاد مىس سەنئىتى ھۈنەرۋەنى ئابدۇۋەلى مۇھەممەد ماڭا.

  كونا شەھەر رايونى كۆلىمى 3كۋادىرات كلومېتر بولۇپ، بۇ رايوندا 60مىڭغا يېقىن ئادەم ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كونا شەھەر رايونىغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلماقتا. قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى بۇ يەردە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كەسىپلەر تۈرى بويىچە كوچىلارغا ئايرىلغان. كونىلار قەشقەرنىڭ ھەر بىر چىمدىم يېرىنىڭ ئىسمى بار دېيىشكىنىدەك دوپپا بازىرى، ياغاچ بازىرى، كەتمەن بازىرى، پاختا بازىرى قاتارلىق ناملار بۇ يەردىكى ھەربىر كوچىغا چىرايلىق قىلىپ قويۇلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمىي قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ ئەينەن خاتىرىسى، شۇنداقلا بۇ رايوندا ياشاۋاتقانلارنىڭ سودا سېتىق، تىرىكچىلىكىكىدىكى مۇھىم سەھنە بولۇپ قالدى.

  ـــ مېنىڭ بۇيەردە ياشاۋاتقىنىمغا 50يىلدىن ئاشتى، ئۆزۈم 5 – ئەۋلاد دوپپىچىمەن،- دېدى ھېيتكاھنىڭ ئالدىدىكى ئوردا ئالدى كوچىسىغا جايلاشقان دوپپا – تۇماق بازىرى «رېشىت ساياھەت كىيىملىرى دۇكىنى» نىڭ خوجايىنى، قەشقەر شەھەرلىك دوپپا – تۇماقچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەترىشاد ئابدۇللا ئاكا ماڭا،- بىز نەچچە ئەۋلاددىن تارتىپ مۇشۇ بازاردا دوپپا – تۇماق سودىسى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كەلدۇق، ئۇيغۇر دوپپا – تۇماقلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن دۆلەت ئىچى – سىرتىغا تونۇلدى. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ئائىلە ئىقتىسادىم ياخشىلاندى، تۇرمۇشۇمدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۇرۇن كەلگەندە كۆرگەن بولۇشىڭىز مۈمكىن بۇ يەرنىڭ يوللىرى توپىلىق، تازىلىقى دىگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى، نەچچە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشى، بۇ يەرنى دۆلەتلىك 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشى بىلەن قىياپىتىمىزدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. مېنىڭچە بۇ بىزگە زور پۇرسەت، زور بازار ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇيغۇر دوپپا – تۇماقلىرىنىڭ نامى جاھانغا تېخىمۇ تارايدۇ دەپ قارايمەن.

  «قەشقەرگە كەلمىسىڭىز شىنجاڭغا كەلگەندەك بولمايسىز» دەيدىغان گەپ بار، قەشقەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت بايلىقى ئەڭ زور رايون بولۇپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يىللىق ئىقتىسادىي كىرىمىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ كەلمەكتە. قەشقەر كوناشەھەر رايونىنىڭ دۆلەتلىك 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ بولۇشى ساياھەت كوپىراتىپلىرىغا قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟

  24 – ماي قەشقەر كوناشەھىرىنىڭ ئارىيا يولىغا جايلاشقان «كارۋان سارىيى» مېھمانسارىيى قۇرۇلۇش مەيدانىدا شىنجاڭ «كارۋان» خەلقئارالىق ساياھەت كوپىراتىپنىڭ باش دېرىكتورى كامىلجان زۇنۇن ئىش ھۆددىگەرلىرى بىلەن قۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى.

  ـــ 3مىڭ كۋادىرات مېتر كېلىدىغان «كارۋان سارىيى» مېھمانسارىيى شېركىتىمىزنىڭ قەشقەر كوناشەھەر رايونىدىكى ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان تۈرلىرىنىڭ بىرى، كوناشەھەر رايونى بىر قەدىمىي كوناشەھەر بولۇپلا قالماستىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرۈپ – ئادەت باغچىسى، تارىخ - مەدەنىيەت سەيلىگاھى. قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى دۆلەتلىك 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىزگە زور بازار پۇرسىتى تەمىنلىدى. بىز «كارۋان سارىيى» نى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى، ھويلا – ئارام مەدەنىيىتى، خەلقئارا سەۋىيەدىكى مېھمانساراي ئۆلچىمى بويىچە 30يۈرۈش ئۆي بار بولغان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي قىلىپ چىقماقچى. گەرچە قەشقەردە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلار ھازىر خېلى كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۆزگىچىلىمىز بىلەن پەرىقلىنىپ تۇرماقچى،- دېدى كامىلجان زۇنۇن،- شۇنىڭ بىلەن بىرگە مېنىڭ بىر تەكلىبىم ھازىر دۇنيا بويىچە نۇرغۇن داڭلىق سەيلىگاھلارنىڭ مەسىلەن پارىژدىكى «لوۋرې» موزېيى بولسۇن، ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك ئىلاھى» سەيلىگاھى بولسۇن ئۇلارنىڭ كىرىش بېلىتى 100يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاشمايدۇ، كىرىش بېلىتى باھاسى ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، شۇڭا ھۆكۈمەت قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى دۆلەتلىك 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ بولغاندا كىرىش بېلىتى باھاسى جەھەتتە كۆپرەك ئويلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دۆلەت 7مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىنىۋاتقان قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇ رايوننى دۆلەتلىك 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. نەچچە يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق جاھان ئەھلىگە ئەنئەنىۋىلىك زامانىۋىلىق مۇجەسسەملەنگەن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى مۇكەمەللەشكەن بىر يېپ يېڭى قىياپەتتىكى كوناشەھەر رايونى سۇنۇلدى.

  ـــ قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايۇنىنىڭ دۆلەتنىڭ 5Aدەرىجىلىك سەيلىگاھ سۈپىتىنى باھالاشتىن ئۆتۈپ، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ5Aدەرىجىلىك مەنزىرە رايۇنى بەرپا قىلىش نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرىشى ئۈچۈن بىز «بىر مەنزىرە رايۇنى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، بىر شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» ئىدىيىسى بويىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان مەنزىرە رايۇنىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. كونا شەھەر رايۇنىدا ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئونۋىرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نوقتا قىلىپ، 30983ئائىلىلىكنىڭ خەتەرلىك كونا ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش (بۇنىڭ ئىچىدە: مەركىزى رايۇندا 9958، سىرىتقى رايۇن بۆلىكىدە 21025ئائىلە) نى تاماملىدۇق. بۇ ئومۇمى ۋەزىيپىنىڭ %65.6نى ئىگەللەيدۇ. مەركىزى رايۇنىدا خاسلىققا ئىگە كوچا- مەھەللىدىن 15نى يېڭىدىن بەرپا قىلدۇق، سىرىتقى رايۇن بۆلىكىدە 13رايۇننى خاس ئۇسلۇپتا ياسىدۇق؛ بۇلاق بېشى ۋە ئىپارخان مەنزىرە رايۇنىغا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىدۇق،- دېدى قەشقەر شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا ماڭا،- ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە كوزىچى يار بېشىنىڭ سىرتقى قىسىمىنى تەرتىپكە سېلىش، بۇلاق بېشى ۋە يار لىۋى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، مەنزىرە رايۇننىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر، ساياھەت مۇلازىمىتى، ساياھەت مەنزىرە كۆرۈش، تىجارەت باشقۇرۇش سېستىما قۇرۇلۇشىنى مۈكەممەللەشتۇرۇپ، مەنزىرە رايۇندا «تاماق يىيىش، قونۇش، يول يۇرۇش، ساياھەت قىلىش، سېتىۋىلىش، كۆڭۈل ئېچىش» تولۇق تۇتاشقان ۋە بىرىككەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بەرپا قىلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ