- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ئالتە قاناتلىق سەككىز پۇتلۇق توخۇ» راستلا بارمۇ؟ كېنتاكى 10ئۈندىدار سالونىنى ئەرز قىلدى
2015.06.02 17:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كېنتاكى ئىشلىتىدىغان توخۇنىڭ ئالتە قانىتى سەككىز پۇتى بار» دېگەن بۇ گەپ ئاڭلىماققا بىئولوگىيەلىك ساۋاتقىمۇ ماس كەلمەيدۇ، ئەمما توردا ئۇزۇندىن بۇيان تارقىلىپ يۈرمەكتە. 1-ئىيۇن كېنتاكى سوت مەھكىمىسىگە10ئۈندىدار سۇپىسىنى پىتنە-پاسات تېرىدى دەپ رەسمىي ئەرز سۇنغانلىقىنى ھەمدە ئۈچ مىليون 500مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
گەرچە ھازىرقى بىئولوگىيە تېخنىكىسى توخۇغا ئالتە قانات، 8پۇت چىقارغۇدەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلمىغان بولسىمۇ، ھەمدە 2008-يىلىلا تاراتقۇلار «غەلىتە توخۇ» ۋەقەسىنى «8چوڭ يالغانچىلىق ۋەقەسى»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بولسىمۇ، بىراق كومپىيوتېردا بىرىكتۈرۈلگەن رەسىم يەنىلا توردا ئېقىپ يۈرمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر