خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:3-ئىيۇن، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنال تەھرىراتى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ھەمكارلاشقان 2015« مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىق نۇسخىسىنىڭ 2015-يىللىق يازغۇچى تەرجىمان تەربىيىلەش كۇرسى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، موڭغۇل داڭلىق يازغۇچىسى ماراچىنفۇ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن باشلىقى يې مېي، شىنجاڭ ئەدەبىيات − سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئارات ئاسىم، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» نىڭ باش مۇھەررىرى شى يىنىڭ قاتارلىقلار دەرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى »نىڭ مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جاۋ يەنبياۋ رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى تەربىيىلەش كۇرسى بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى نۇسخىسى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يىغىپ كۇرس ئېچىشى، ژۇرنال 6يىلدىن بۇيانقى نەشر قىلىش تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ ، ئەدەبىي تەرجىمە قانۇنىيىتىنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ماھارىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش ئارقىلىق يەنىمۇ ئۆگىنىپ ۋە مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىينى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىنى قەتئىي چىڭ تۇرۇپ خەلقنى مەركەز قىلىدىغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ نادىر ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان.
تەربىيىلەش مەزگىلىدە يەنە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى خې جيەنمىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن باشلىقى يې مېي، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئورگان پارتكومى دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن شۇجىسى لى شياۋمىڭ، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىلى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جۇ يۈەن، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى 2- ئىدارىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ جىگاڭ قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ يازغۇچى تەرجىمانلارغا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى. جەمئىي 70 نەچچە يازغۇچى تەرجىمان كۇرسىقا قاتناشتى. ئىزچىل ئانا تىل ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىق يازغۇچى ياسىن زىلالمۇ قاتناشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى