خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە دۆلەت ساغلاملىق بەخت بۆلۈمىنىڭ 3-چېسلادىكى مەلۇماتىدىن قارىغاندا، كورىيە ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىدىن 30 نەپىرى كۆپەيگەن (بىر نەپىرى جۇڭگولۇق) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپەر بىمار قازا قىلغان، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمار 398گە يەتتى دەپ پەرەز قىلىنغارن. كورىيە سەھىيە بۆلۈمى ئېمپىدىيە كونترول كۈچىنى كېڭەيتكەن، 3-چسلاغىچە، كورىيە ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى بىلەن ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقان ئادەم 1364 نەپەرگە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، كورىيە شۇ يەر ۋاقتى 3-چېسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 5:00كىچە، كورىيەدە مەملىكەت بويىچە 544 مەكتەپتە دەرس توختىتىلغان ياكى توختىتىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پايتەخت رايونىدا جەمئىي 439 مەكتەپ بار ئىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى