باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2015.06.03 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقى يوليورۇق بەردى ھەم نەق مەيدانغا بېرىپ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭ «شەرق» پاراخوت شىركىتىنىڭ نەنجىڭدىن چۇڭچىڭغا كېتىۋاتقان «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق ساياھەت پاراخوتى 1-ئىيۇن سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تۇيۇقسىز قارا قۇيۇنغا ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ كۆمتۈرلۈپ قالدى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ۋەقەگە ئۇچرىغان پاراخوتتا 458 كىشى بولۇپ، 406 سى ساياھەتچى ئىكەن.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، گوۋۇيۈەندىن نەق مەيدانغا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىشقا تېزدىن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى، خۇبېي ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىن زور كۈچ بىلەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەم ئالاقىدار ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ۋەقەدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، دېدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ قاتناش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرگە يۆتكەشكە بولىدىغان بارلىق كۈچنى يۆتكەش، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تالاپەت ئەھۋالىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، شۇنداقلا قۇتقۇزىۋىلىنغان كىشىلەرنى ۋاقتىدا داۋالاش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر