باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد <تۆت بار> ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ ئۈزۈندىسى» پۈتۈن ئارمىيەگە تارقىتىلدى

2015.06.04 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد روھى بار، قابىلىيىتى بار، ۋىجدانى بار، ئەخلاقى بار ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا، ئەستايىدىل ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، باش سىياسىي بۇسى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد <تۆت بار> ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ ئۈزۈندىسى»نى تۈزۈپ تارقاتتى، يېقىندا ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتى نەشىر قىلىپ، ئارمىيەدىكى ليەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارغا تارقىتىلدى.

  بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 11-ئايدىن 2015-يىلى 2-ئايغىچە قىلغان مۇھىم سۆزى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەردىن ئېلىنغان بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد <تۆت بار> ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش توغرىسىدىكى مۇقىم قارارلىرى مەركەزلىك ئىپادىلىنىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد <تۆت بار> ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەلەپلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش، قانداق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى تەربىيەلەشتەك مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئاساسلىق قوللانما بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر